ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە


  • قىزىل كرېست جەمئىيتىدە ئىشلىگەچكە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىشخانىمىزغا كېلىپ ھالىنى ئېيتىپ ياردەم سورايدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن دېھقانلار ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئونىنىڭ توققۇزى كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ، دوختۇرخانا، خەلق ئىشلار قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ياكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىزنى ئىزلەپ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىگە

     مۇۋاپىق كېلىدىغان ياردەم تۈرلىرى بولسا، مەسىلەن توشقان كالپۇك بالىلارنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىش، تۇغما يۈرەك كېسەل  بالىلارنى داۋالىنىش ياردىمى بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان ھاجەتمەنلەر بولسا، بىز شۇ زامات ياردەم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز، ئەمما كۆپىنچىسى يەنىلا كۆپ ئۇچىرايدىغان، ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان كېسەللەر، يەنە بەزىلىرى ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر، خەتەرلىك ھەم چىقىمى كۆپ كېسەللەر. بۇنداقلارغا بىزدە ماس كېلىدىغان ياردەم تۈرى ياكى مەخسۇس مەبلەغ بولمىغاچقا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرىمىز، بىلگىنىمىزچە يول كۆرسىتىمىز،بەزىلىرىگە بىر نەچچە خىزمەتداش ئانچە مۇنچە تاماق ۋە كىرا پۇلى  يىغىش قىلىپ يولغا سالىمىز، يەنە بەزىلىرى بولسا قۇرۇق گەپ بىلەن قايتىدۇ،  مىڭبىر ئېچىنىش ۋە ئۇھسىنىشلار بىلەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويىمىز. چۈنكى بۇنداق ھاجەتمەنلەر ھەپتىدە 2-3 نۆۋەت ئىشخانىمىزغا تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئارىمىزدا مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇزاكىرىلەر بولۇندى،« مۇشۇ دېھقانلار يېزا ھەمكارلىق داۋالاشقا قاتناشمىغانمىدۇ؟» دىگەن سۇئال تۇغۇلدى ۋە ئارىدا بىر نەچچە قېتىم ھال ئېيتىپ كەلگەنلەردىن بۇ سۇئالنى سوراپمۇ باقتۇق، جاۋاپ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ سىياسەتتىن خەۋەردار ھەم ئۆزىمۇ قاتناشقان، ئەمما دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئالدىن تاپشۇرىدىغان نەچچە تۈمەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان بىر تاغ بولۇپ، مۇشۇ تاغ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ھاياتىغا خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.


  • تۆۋەندىكى ئالامەتلەر يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىلىۋالساق بەلكىم مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىشتىن قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن.

    1.   كۆپ چارچاش، ئورۇقلاش: يۇقۇملانغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قىينىلىدۇ، يۇيۇنۇش تارىنىشتەك ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ. چىش مىلىكى ئاغرىش، تاماققا ئىشتىھاسى بولماسلىق سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ ۋە بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىدۇ ھەتتا ئېغىرلايدۇ.

    2.   ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر: ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار توپىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى سەۋەبلىك  تاڭلاي، تىل، چىش مىلىكى ۋە كاناي قاتارلىقلاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، تاماق يېيىشى قىيىنلىشىدۇ، چايناپ يۈتۈشى تەسكە توختايدۇ.

    3.   تولا ئىچى سۈرۈش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ  ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ئادەمدە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بەدەن ساپاسى تېز تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

    4.   ھەر خىل قاپارتمىلار: يۇقۇملانغۇچىلاردا ھەر خىل قاپارتما(قوقاق)كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ئادەتتىكى قاپارتمىغا قارىغاندا چوڭقۇر ھەر چوڭ بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ساقايمايدۇ.


  • ئامال بار جىنسىي جورىلىرىنى ئازايتىش، ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئىزچىل گاندوك ئىشلىتىش. گاندوك بولسا جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.تۆۋەندىكى خاتا چۈشەنچە ناتوغرا ئۇسۇللار جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسىز:                                                               

      (1) جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى كەينىدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم جىنسىي ئەزانى يۇيۇش

     ئارقىلىق باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنى چىقىرىۋەتكىلى ياكى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئارقىلىق جىنسىي

     كېسەلنىڭ ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. بەلكىم بۇ ئۇسۇلدا باكتېرىيە، ۋىرۇسلار ئاسانلا

    بالىياتقۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


  • (1) ئەگەر بىئارام بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانا ياكى ئامبۇلاتورىيىگە بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك. ھەرگىز ئۆزى خالىغىنىچە دورىلارنى يېمەسلىك، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

    (2) چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك. خالىغانچە دورا قوشسا، مىقدارىنى

     كېمەيتسە ياكى توختىتىپ قويسا، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس

    قىلغان تەقدىردىمۇ، دورىنى تولۇق يەپ بولغاندىن كىيىن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.

    (3) ئېسىڭىزدە بولسۇن، قانۇنسىز ئاچقان شەخسىي ئامبۇلاتورىيىلەردە كېسەل كۆرسەتمەسلىك كېرەك.


  • ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى:

    جىنسىي كېسەل سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى،جىنسىي يول ياللۇغى، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى، سوزۇلما خارەكتېرلىك تۆۋەنكى قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىفلىسنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، يۈرەك

     ۋە نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىركۆرسىتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.كۆپ قىسىم جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، دېققەت قىلمىغاندا قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن.

    كۆپىيىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى:


  • داس بوشلۇقى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكى بولۇپ، ئۇ بالىياتقۇ، تۇخۇم نەيچىسى، تۇخۇمدان، قورساق پەردىسى قاتارلىق چوڭ بىر دائىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا چېتىشلىق بولىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خارەكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس...

  • ياش خانىم-قىزلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە قاناش سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك:

    بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى: بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى سوزۇلما خارەكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە، ئاستا-ئاستا سىرتقا تومپىيىپ چىقىپ شەكىللەنگەن. كۆپىنچىسى...

  • كۆپ ساندىكى خانىم-قىزلاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش ياكى قاناش كۆرۈلگەندە، مۇناسىۋەتلىك بىلىمىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىلار...

  • 1.  سەھىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ھامىلدار بولۇش پرىنسىپىنى ئىگىلەش ۋە كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ھامىلدار بولۇشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش.

    2.  ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، كېسىلنى بالدۇر داۋالىتىش. نۇرغۇن كېسەللىكلەر ت...

  • ئەگەر خانىم-قىزلار ئۇزۇن مەزگىل ھامىلدار بولمىسا، كۆپ ئەندىشىدە بولماي، كۆڭلىنى توق، روھىي كەيپىياتىنى خۇشال، ئازادە تۇتۇشى كېرەك. بۇلار خانىم- قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنى بىلىشى كېرەككى،...